ﺗﻮﯞﺗﻴﺎﯞ ﺗﻮﺭﻯ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ، ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ:
ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯘﺧﻼﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﯘﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﺳﺘﯘﻕ ﺑﻪﻙ ﭘﺎﻛﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻛﯚﺯﻯ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻓﯩﺰﯨﻴﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺳﯘﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻰ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﺧﻼﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺑﻪﻙ ﺗﯘﺯﻟﯘﻕ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﺴﻪ ﻳﯜﺯ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻜﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ، ﺋﯘﺧﻼﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﯘﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﭘﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯜﺯ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﮪﻮﺷﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﻧﯩﯖﺸﻴﺎ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺩﺍﺷﯚﺳﻰ ﺑﺎﺵ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﯞﯨﺮﺍﭼﻰ ﺟﻮﯞ ﺷﻴﺎﯞﻟﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﺘﻰ: «ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ، ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ، ﻗﺎﭘﺎﻕ، ﻳﯜﺯ، ﭘﯘﺕ ﺋﯩﺸﺸﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺳﯘﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﯩﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘ ﯞﻩ ﻧﺎﺗﺮﯨﻴﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺳﯘ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﻪﯓ ﺑﻮﺵ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ».
ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﻚ ﺳﯘﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﻠﯩﻨﯩﻜﯩﺪﺍ ﺋﻮﻳﻤﺎﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ ﻗﻮﻝ ﺑﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻳﻤﺎﻥ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯚﺯ ﻗﺎﭘﯩﻘﻰ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﭘﯘﺗﯩﻤﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺴﯩﺰﻻ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﯩﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ-ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﮪﻮﺷﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﯩﻤﯘ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﮪﻮﺭﻣﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻤﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﯩﻨﭽﯜﻩﻥ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﯞﯨﺮﺍﭼﻰ ﺩﯗﯓ ﭼﺎﯞﺷﻴﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: «ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﮪﻮﺭﻣﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﻓﯘﻧﻜﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺵ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭗ، ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﭼﺎﺭﭼﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻘﯘﭼﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯚﺯﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺗﻰ ﺋﯩﺸﯩﺶ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﻳﻰ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ، ﮪﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﺩﺍ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺶ، ﻳﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺸﯩﺶ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺗﺎﺗﯩﺮﯨﺶ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﭼﯧﭽﻰ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.»
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﮪﻮﺭﻣﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻤﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
نادىر ئىنكاسلار